كەمال سۇنال 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بۇلۇپ،تۈرك تىياتىرچىلىقى،كومىدىيەلىك كىنو ساھەسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتچىلىرىنىڭ بىرى.داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى كەمال سۇنال،تۈرك كىنوچىلىقىدىكى جانلاندۇرغان روللىرى ئارقىلىق خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.ئۇ ئالغان روللىرىدا،ساددا،تەلەيلىك ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كەمال سۇنالنىڭ كىنولىرى تا ھازىرغىچە خەلىق تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈپ كەلمەكتە ھەم كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كىنولار قاتارىدا تۇرماقتا.
بالىلىقى:
ئىستانبۇل كىچىك بازار رايونىدا تۇغۇلغان سەنئەتچىنىڭ دادىسى مالاتيادا تۇغۇلغان بولۇپ،  Migros تاللا بازىرىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇستاپا سۇنالدۇر.ئاپىسىنىڭ ئىسمى سائىمە سۇنالدۇر.كەمال سۇنالنىڭ جەمىل سۇنال،جەڭگىز سۇنال ئىسىملىك ئىككى ئىنىسى بار.
سەنئەتچى باشلانغۇچ مەكتەپنى مىمار سىنان باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى ۋە تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىنى پۈتتۈردى.ئۇنىۋېرسىتېتنى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق بۆلۈمى بىلەن باشلىدى.ئوقۇش جەريانىدا Emayetaş زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەلكىس بالكېرنىڭ سەنئەتچىنى مۈشفىك كەنتەر بىلەن تونۇشتۇرۇشى،كەمال سۇنالنىڭ كېيىنكى ئىش ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
images (2).jpg

ئىش ھاياتى:
1964-يىلى ئەنقەرە باندو-مىزىكا بىرلىكىدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.سەنئەت ھاياتى ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدە ئىشتىن سىرت "Zoraki Tabip"  ئىسىملىك تىياتىردا رول ئىلىشى بىلەن باشلايدۇ.تۇنجى قېتىم كەنتەرلەر تىياتىرخانىسىدا كەسپى ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇلۋى ئۇراز تىياتىرخانىسىدا،قىسقا ۋاقىت ئايفەر فەراي تىياتىرخانىسىدا،ئاخىردا دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا ئىشلەيدۇ.دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا رول ئالغان بىر تىياتىردا ئەرتەم ئەگىلمەز سەنئەتچىنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىنى بەك ياقتۇرۇپ قالىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ كىنوچىلىق ساھەسىگە يۆتكىلىدۇ.تۇنجى رولىنى 1973-يىلى ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى(  Tatlı Dillim) «تىلى تاتلىقىم» ئىسىملىك فىلىمدە رول ئالىدۇ. ئېگىز بۇيى سەۋەبىدىن ۋاسكېتبولچىنىڭ خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.بۇ فىلىمدە رول ئالغاندىن كىيىن ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى باشقا فىلىملەردىمۇ رول ئېلىشقا باشلايدۇ.
تۈرك كىنوچىلىقىدا ئىنەك شابان خاراكتېرى بىلەن پۈتۈن خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئالغان كەمال سۇنال،يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.ئىنەك شاباننىڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىشى بىلەن كەمال سۇنال نۇرغۇن فىلىملەردە شابان ئىسمى بىلەن رول ئالىدۇ.
images.jpg

1974-يىلى توي قىلىدۇ.ئالىي ۋە ئەزو ئىسىملىك بىر قىز،بىر ئوغلى بار.1977-يىلى ئانتاليا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1990-يىللاردىن باشلاپ رول ئالغان فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزورلاردا قۇيۇلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.ئەمما،ئۆزى بۇلار ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.
يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن ،مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتى،رادىئو تېلېۋىزىيە ۋە كىنوچىلىق بۆلۈمىنى1995-يىلى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئۇلاپ ماگىستىرلىقنى تاماملايدۇ.
images (1).jpg

ۋاپاتى ۋە ئاخىرقى يىللىرى:
پۈتۈن ئۆمرىدە جەمئىي 82 فىلىمدە رول ئالىدۇ.2000-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بالالايكا فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن تىرابزونغا مېڭىش ئالدىدا،ئايروپىلان قوزغىلىدىغانغا ئاس قالغاندا يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.ئىستانبۇلدىكى زىنجىرلى ساھىلى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
كەمال سۇنال پۈتۈن ھاياتىدا 82 فىلىمدە رول ئالغان.تۇنجى فىلىمىنى قۇشۇمچە رول ئالغان 1972-يىلىدىكى  Tatlı Dillim «تىلى تاتلىقىم» فىلىمى بىلەن باشلىغان.1974-يىلى Salako ،ساراڭ شابان فىلىمىدە باش رول ئالغان.ئەڭ ئاخىرقى رول ئالغان فىلىمى 1999-يىلىدىكى  Propaganda تەرغىب، فىلىمىدۇر.

ئۇ رول ئالغان فىلىملەر:

1977-------------شابان ئوغلى شابان

ئىسىل پاراڭلار9

فەرادىل ۋاقتى: 2012-1-26 21:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭ فىلىمىغا بەكمۇ ئامراق... تېمىڭىزغا رەخمەت.
umer0903 ۋاقتى: 2012-1-26 21:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭ فىلىمىغا بەكمۇ ئامراق
تەنھا ۋاقتى: 2012-1-27 02:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنولىرى؟بەك ياخشىتى
تۇرۇك ۋاقتى: 2012-1-27 13:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭ فىلىمىغا بەكمۇ ئامراق
gitlr ۋاقتى: 2012-1-27 18:03:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركلەرنىڭ پۇرچاق ئەپەندىسى
Mrdon ۋاقتى: 2012-1-28 00:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە دەھشەت قىززىقچى گۇي بۇ   بۇنىڭ كىنولىرىدا بىرگەپنى بەك جېق قىلىدۇ  ۋۇ ئىنەك  ئىشەكنىڭ بالىسى دەپ  ھى ھى  
Mrdon ۋاقتى: 2012-1-28 03:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ماڭا خېلى ئەرزىدى بۇ تىما
uzaysiboy ۋاقتى: 2014-8-1 22:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشې بوگوينڭ كىنوسې مەن بەكلا
شاكىر ۋاقتى: 2016-1-27 14:58:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاباننىڭ خېلى كۆپ كىنولىرىنى كۆرگەن ئىدىم.ھاياتى پالىيەتلىرى بىلەن بۈگۈن تونۇشتۇم.تىمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1