ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

لىشياۋلوڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20081102003436728.jpg











ھەمىمىزگە مەلۇم، جۇڭگو تارىخىدا مۇنۇ ئىككى كىشى بار، ئۇ بولسىمۇ يېۋېن بىلەن لىشىياۋلوڭ دۇر. يېۋېن يوڭچۈن گۇمپىسىدا ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى، لىشىياۋلوڭ بولسا يېۋىننىڭ ئەڭ ئامراق شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا مەن بۈگۈن بۇ ئىككەيلەننىڭ تەرجىمىھالىنى دوسلارغا قىسقىچە  يەتكۈزمەكچى

يېۋېن  

يېۋېن 1893-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە ياشىغان، ئەسلىي ئىسمى يېجىۋېن، گۇاڭدوڭ فۇشەنلىك باي ئائىلىنىڭ ئوغلى، يېۋېن كىچىگىدىنلا ئائىلىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرشى ئاستىدا چوڭ بولغان. يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى، يوڭچۈن گۇمپىسىنىڭ پىشۋاسى لىياڭزەننى ئۇستاز تۇتۇپ، يوڭچۈن گۇمپىسىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۆگەنگەن.ئۇستازى ئۇنى يوڭچۈن گۇمپىسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر گۇمپىچىلارنىڭ گۇمپىسىنى ئۆگۈنىشىنى چەكلىگەن. ئۇستازى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ ئاكىسى ۋۇجوڭسۇ بىلەن يوڭچۈن گۇمپىسىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. يېۋېن 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسى ئۇنى چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن شاڭگاڭغا ئەۋەتكەن كىيىن ئۇ شاڭگاڭدا لىياڭزەننىڭ شاگىرتى، لىياڭبىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ماھارەت ئۆگەنگەن. كىيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئۆيلەنگەن، 1950-يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، شىياڭگاڭغا كەتكەن،لېكىن شاڭگاڭدا تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىن، كىيىن ئۇ ئاخىرى يوڭچۈن گۇمپىسى ئۆگىتىدىغان ساراي ئېچىپ، يوڭچۈن گۇمپىسىنى ئەل ئىچىگە تاراتقان.كېيىن ئۇنىڭ بۇ گۇمپىسى ئىنتايىن تەرەققىي قېلىپ، ھەر جايلاردىن كېلىپ ئۇنىڭدىن گۇمپا ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيگەن.ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تەخمىنەن 2مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭ قازانغىنى ۋە دۇنيادا ئەڭ شۆھرەتكە ئىگە بولغىنى لىشياۋلوڭ.

2009-يىلى جېنزىدەن يېۋېننىڭ ئىش پائالىيىتى ئېنىق گەۋدىلەندىۈرۈلگەن كىنو<<يېۋېن>> نى چىقىرىشى بىلەن ، بۇ كىنونىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، زور ئالقىشقا ئېرىشتى.



لىشىياۋلوڭ


لىشىياۋلوڭ دۇنيا چولپىنى، داڭلىق كىنو ئارتىسى، گۇمپا پىشۋاسى، رىژىسسور.ئۇ 1940-يىلى تۇغۇلۇپ 1973-يىلى ۋاپات بولغان شاڭگاڭلىق، ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ نۇرغۇن كىنولارغا چىققان. ئەسلىي ئىسمى لىجېنفاڭ، ئۇ UFCنى باشلاپ بەرگۈچى، MMAنىڭ ئاتىسى.جىيېچۈەنداۋ گۇمپىسىنىڭ ئاتىسى، پۈتۈن دۇنيادا تەسىرى ئەڭ زور بولۇپ، ئۇنىڭ شان -شۆھرىتى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. شاڭگاڭدا باش رول بولۇپ چىققان كىنوسىدىن ئۈچى پۈتۈن دۇنيا بويىنچە كۆرۈلۈش سانى رىكورت ياراتقان. ئۇ ھوللىۋود تا ۋە شاڭگاڭدا كىنودا باش رول بولۇپ چىققان ۋە ياكى رىژىسسورلۇق قىلغان. ئۇ ئەللىككە يېقىن كىنوغا چىققان. دۇنيادىكى يەتتە جانبازنىڭ بىرى.
بوي ئىگىزلىكى : 1مىتىر 73سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى:64 كىلوگىرام

لىشياۋلوڭ كىچىگىدە ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، دائىم مەكتىپىدە چەتئەللىكلەردىن تاياق يىگەچكە، دادىسى ئۇنى توختىماي مەشىققە سالغان، كېيىن دادىسى ئۇنى شۇ ۋاقىتلاردا شاڭگاڭدا نام چىقىرۋاتقان يېۋېنغا شاگىرتلىققا بەرگەن. يېۋېن ئۇنى ئىنـايىن كۆپ مەشىققە سېلىىش جەريانىدا لىشاۋلوڭنىڭ كەپسىز بولسىمۇ، چېچەن، ئەقىللىقلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالغان ۋە ھېچكىمگە ئۆگەتمىگەن ماھارەتلىرىنى تەپسىلىي ئۆگەتكەن. لىشاۋلوڭمۇ شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن جانبازلار سارىيىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۈچ سېنىشىپ، نۇرغۇن ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنىۋالغان. ئۇ شۇنداق توختىماي ئىزدىنىپ يوڭچۈن گۇمپىسىدا كامالەتكە يەتكەن. كىچچىككىنە ناھەقچىلىققا چىدىيالمايدىغان بولغاچقا، تولا جىدەل چىقىرىپ، نۇرغۇن قارا گورۇھلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغان. ئىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلگەن دادىسى، يېۋېن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئامرىكىغا چىقىرىپ، شۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ئەۋەتىۋەتكەن. لىشاۋلوڭ ئامرىكىدا، ئېنگىلىز تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە مەشىق قىلىشنى قەتتىي توختۇتۇپ قويمىغان، ئۇ نۇرغۇن جانبازلار بىلەن ئېلىشىپ ئۇلارنىڭ ماھارەتلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن. ئۇ يەنە جانبازچىلىق سارىيى ئېچىپ ئازراق ئىقتىساد توپلىغان، كېيىن ئۇ ئامىرىكا قورۇق قول ئېلىشى مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ، بىرىنجى بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ نامىنى ئىنتايىن كۆپ كىشلەر بىلگەن، ھەمدە نۇرغۇن كىنو شىركەتلىرى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كىنو ئىشلىگەن. ئۇ شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان، ئۇ كىنوغا چىقىپ نام قازانغاندىن كىيىن جۇڭگۇ گۇمپىسىنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتۈن دۇنياغا  تارالغان. لىشىياۋلوڭ ئامىركىدا تايلانت گۇمپىسى، كورىيەنىڭ تەيچۈەن گۇمپىسى، بىرازىلىيەنىڭ روۋداۋسى، ياپوننىڭ قورۇق قول ماھارىتى ... قاتارلىق جانبازلارنىڭ ئەڭ نادىر ماھارەتلىرىنى يوڭچۈن گۇمپىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئاخىرى ئۇ جىيېچۈەنداۋ گۇمپىسىنى ئىجاد قىلغان. كېيىن يېۋېن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ ئۇنى يوڭچۈن گۇمپىسىنىڭ خائىنى دەپ تىللىغان ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىنى توختاتقان. لىشياۋلوڭ پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن گىگانىت چولپان.كېيىن لىشۋلوڭ مەلۇم بىر جانبازچى بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپنى يەڭگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن تەس يەڭگەچكە، ئۇ بەدىنىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن زور ئېغىر مەشقلەرنى قىلغان. يەنە تېخى ئۆزىگە توك ئۆتكۈزگەن. ئاندىن كېيىن ئۇ بىر كىنو ئارتىسى بىلەن ئۆزى ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان بىر كىنو ئۈستىدە مەسلەھەتلىشۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىغان، ئۇ كىنو ئارتىسى قىزچاق ئۇنىڭغا دەرھال باش ئاغرىق دورىسى قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزگەن ۋە ئۇنى ياتقۇزۇپ قويغان، كېيىن نەچچە سائەتكىچە لىشياۋلوڭدىن بىرە شەپە چىقمىغاچ ئالدىراپ ياتاق ئۆيىگە كىرگىنىدە، لىشىياۋلوڭ ئاللا بۇرۇن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ سىرى ھازىرغىچە يېشىلگىنى يوق.
لېكىن ئۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ يەتتە سىرى بار:
1.

1.قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن
2.دورا رەكسىيە قىلغان
3.ھەددىدىن ئارتۇق مەشىق قىلىش
4.مەلۇم كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش
5.چارچاش (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىشىيۋلوڭ ئۆزىنىڭ كىنوسى ئۈستىدە ئىزىدىنىمەن دەپ، نەچچە كېچە ئۇخلىمىغان ۋە ئۇخلىماي دەم ئالماي يەنە كىنوغا چىققان)
6.بەدىنىدە ماي ئىنتايىن ئازلاپ كەتكەن
7.ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان

  جۇڭگۇنىڭ داھىيسى ماۋزىدۇڭمۇ لىشاۋلوڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەنتۇق. ئەپسۇس لىشياۋلوڭ ئۆزى يازغان ۋە رىژىسسورلۇق قىلغان كىنو <<ئۆلۈم ئويۇنى>>ناملىق كىنونى ئىشلەۋاتقان كۈنىنىڭ 2-كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئوغلى لىگوخاۋمۇ 1993-يىلى ھوللىۋودتا كىنو ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا تاپانچىدىن راس ئوق چىكىتىپ، بۇدۇنيادىن خوشلاشقان. بۇ ۋاقىتتا لىگوخاۋمۇ ئەمدى 20 نەچچە ياشلاردا لىشىياۋلوڭ 32 ياشتا ئىدى. ئىككەيلەننىڭ قەبرىسى ئامرىكىدا ھەم بىر يەردە قويۇغلۇق.
ئامرىكىلىقلار ئۇنى گۇمپا پىشۋاسى دەپ ئاتايدۇ.
ياپونيىلىكلەر جانبازچى ئەۋلىيا دەپ ئاتايدۇ.
شىياڭگاڭلىقلار ئۇنى كىنو تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ ئاتايدۇ.
پۈتۈن دۇنيا ئۇنى ئورتاق<<جۇڭگو گۇمپىسىنى دۇنياغا ئەڭ تونۇتقان كىشى>> دەپ ئاتىشىدۇ.


يۇقۇردىكى سۆرەتتە لىشاۋلۇڭ بىلەن يېۋىن

ئىسىل پاراڭلار8

上蛧нúМa ۋاقتى: 2013-1-12 05:37:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاۋلەيۋۇ دىگەن نىمە دىگەن گەپ بولسا تىمىنىنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار
ۋوللىۋوت دەپ تەرجىمە قىلىدىغاندۇ ئۇگەپنى يا باشقا گەپمۇ
ئۇيغۇر0 ۋاقتى: 2013-1-12 18:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
上蛧нúМa يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 05:37
خاۋلەيۋۇ دىگەن نىمە دىگەن گەپ بولسا تىمىنىنىڭ ئىملاسى ...

سىزنىڭ مۇنبەر ئىسمىڭىزمۇ ئارلاش كەنغۇ،  شۇنداق ياخشى تىمدىن قۇسۇر تاپماڭ دوستۇم .
gitlr ۋاقتى: 2013-1-12 19:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرىنچى ئىنكاس يازغان بورادەرنىڭ دىگىنى دىمەكچىدىم   يېزىققا مۇمكىنقەدەر سەل قارىمىساق  
 ئىگىسى| باياۋان ۋاقتى: 2013-1-12 19:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تەھرىرلىدىم! بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي
رانگو ۋاقتى: 2013-1-12 21:21:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم.
dilmurat ۋاقتى: 2013-1-18 16:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
burkut001 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 14:25
بولسا مۇشۇ لىشاۋلۇڭ ئۆزى رول ئالغان كىنولاردىن بىر -ئى ...

رول ئالغان فىلىملىرى:

▪  龙争虎斗  1973 死亡塔 1973 死亡游戏 1973 猛龙过江 1972
精武门  1972 唐山大兄  1971 丑闻喋血 1968 人海孤鸿 1960
甜姐儿  1957 雷雨  1957 早知当初我唔嫁 1956 许癫纳福 1955
孤儿行  1955 孤星血泪  1955 儿女债 1955 守得云开见月明 1955
  1955 无风  1954 慈母泪  1953 千万人家  1953
苦海明灯  1953 父之过  1953 母泪  1953 危楼春晓 1953
人之初  1951 凌霄孤雁  1950 李小龙细路祥  1950 梦里西施  1949
富贵浮云  1948 金门女 1940




رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى:


可爱的女人  1968 丑闻喋血 1968 无敌铁探长  1967 蝙蝠侠 1967
新娘驾到  1966 青蜂侠 1966


رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملىرى:

死亡游戏 1973 猛龙过江 1972


amareli ۋاقتى: 2014-2-17 23:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىىقەتەن ياخشى يىزلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1