ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

لوناردو ۋىليام دىكاپرو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
zjjqOEJL.jpg
                                                                                      
تەرجىمە ئىسمى: لوناردو ۋىليلم دىكاپرو.
خەنزۇچە ئىسمى:   
莱昂纳多·威尔海姆·迪卡普里奥
ئىسمى: Leonardo Wilelm DiCaprio
دۆلىتى: ئامرىكا  
تۇغۇلغان يېرى:لوس ئانژېلېس   
تۇغۇلغان ۋاقتى:1974-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى.
كەسپى:   ئارتىست
بوي ئىگىزلىكى: 180سانتىمېتىر.  
لەقىمى:Leo(ئەسەد يۇلتۇزى)                                                               
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرى:
ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركىتى:ۋاسكىتبول،كالتەك توپ
ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئەترىتى: Pink FloydBeatlesLed Zeppelin
ياخشى كۆرىدىغان ئەر ئارتىستلار: روبېرت دېنو («ئامرىكىدىكى ئىشلار»فىلىمىنىڭ باش رولچىسى)، ئال پاسىنو ،جىك نىكېرلىن
ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئارتىسى:مېگ رېيان
ياخشى كۆرىدىغان كىنوسى: «ئاتامان » ،لېنىن ئۆكتەبىردە»
ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىكى: گۆش
ياخشى كۆرىدىغان شەھەرلىرى: نىيو-يورك،سانتپېتىربۇرگ،سانت-فرانسىسكو
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى:مۇھىت ئاسراش،تۇرمۇش تېنچلىقتا
كىنوچىلىق تۇرمۇشى:
تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ،بىراق لوناردو تۇنجى قېتىم تېلىۋىزور ئېكرانىغا خېلى بالدۇر چىققان ئىدى.5 ياش ۋاقتىدا تېلىۋىزىيە فىلىمى

《Romper Room》نىڭ(ئۆيگە يامىشىش) سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان.12 يېشىدا 50 قېتىمغا يېقىن يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدىن كىيىن،ھارماي-تالماي تىرىشىش ئارقىلىق، كەسپى ئارتىستلىق خىزمىتىگە ئېرىشكەن.ۋە بىرقىسىم قىسقا ماشىنا ئېلانىغا چىققان.14 يېشىدا ئائىلە ۋاكالەتچىسىى ئۇنى قوبۇل قىلغان.ۋە تېلىۋىزىيە فىلىمى Santa Barbara》ۋە 《The New Classic》(يېڭى كىلاسسىك) لارنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.شۇنۇڭدىن تارتىپ ئۇ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مۇۋەپىقىيەتكە قاراپ ماڭدى.1991-يىلى «ئالۋاستى3»،«تاشقى پىلانت ئادىمىنى قوغلاش بۇيرۇقى»،1992-يىلى«ۋىروس ئېلىپ يۈرگۈچى پىچەكگۈل» قاتارلىقلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.
1993-يىلى «باشتىن باشلىغانغا يەتمەيدۇ» دىگەن كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىپ، 1994-يىلى ئوسكار «ئەڭ جەلپكار ئەر رولچى »مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 19 ياش ئىدى.1995-يىلى20يېشىدا «چەت جاي خاتىرىسى»(يىراق جاي) دىگەن كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.1996-يىلى ھازىرقى زامان مۇھاببەت فىلىمى «رومىيو ۋە جۇلىيە» دا رومىيونىڭ ئوبرازىنى ياخشى يارىىتپ بېرلىن كىنو بايرىمىدا«ئەڭ جەلپكار ئەر رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،شۇنداقلا 11تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئامرىكا ۋە دۇنيادا ئەڭ كۆپ بېلەت رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن. 2000-يىلى «دېڭىز ساھىلى» دىگەن فىلىمغا قاتناشقان.2000-يىلدىن كىيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېكرانغا چىقىپ تۇردى.ئۇ 2002،2004،2006-يىللىرى ئايرىم –ئايرىم «قانۇننىڭ سىرتىدا قېلىش»،«ئۇچقۇچى»،«قىل سىغماس ۋەزىيەت»دىگەن كىنولاردا رول ئالغان،2002-يىلى يەنە «نىيو-يوركتىكى قارا-گورۇھ» دىگون كىنوسى ئوسكار ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2008-يىلى «يالغانچى» ۋە «ئىنقىلاپ يولى» دىگەن ئىككى فىلىمدە رول ئالغان.2010-يىلى «بەند ئارال» (چەكلەنگەن ئارال) دا رول ئالغان.
يەنە شۇيىلى كىرىستوف.نۇلان بىلەن بىرلىكتە «چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» فىلىمىدە رول ئالغان.
مەنبە:
http://baike.baidu.com/view/2789436.htm
دىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

ئىسىل پاراڭلار5

 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2011-3-18 04:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» (يەنە بىر ئىسمى: ئاساس سېلىش) داڭلىق رىژژېسسور كىرىستوف.نۇلاننىڭ «زۇلمەتتىكى چەۋەنداز» دىن كىيىنكى بىزگە تەقدىم قىلغان دىراممتىىك فىلىمى.بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەرنى چۈش بىلەن رىياللىق ئارىسىغا باشلاپ كىرىدۇ.بۇ فىلىمگە «ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدا پەيادا بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن   ھازىرقى زاماندىكى ھەركەتلىك فانتانزىيە فىلىم» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. لوناردو. دىكاپرو ۋە ئوسكار خانىشى مارىيون.كوتىللارد (1975-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان. فرانسىيەلىك .ئۇ رول ئالغان « گۈلدەك ياشلىق » 80-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) بىرلىكتە رول ئالغان .
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى شىمالى ئامرىكىدا رەسمى قويۇلغان.«چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» ئارقىمۇ –ئارقا ئۇدا 3ھەپتە قويۇلۇپ شىمالى ئامرىكىدا  بېلەت كىرىمى رىكورتىنى ياراتقان.ھاياجىنىنى باسالمىغان كىنو مەستانىلىرى IMDBغا بېسىپ كرىپ نومۇر قويغان.9.3 نومۇرغا ئېرىشكەن. تولۇق نومۇر بېرىلگەن بېلەت تۆتتىن ئۈچتىن ئېشىپ كەتكەن.«چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» IMDB دىكى رەت تەرتىۋى ئاللىقاچان 3-گە يېقىنلاشقان. 1 -ۋە 2-بولسا«شاشەنكنى قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «ئاتامان»دىگەن كىنولاردۇر.
(IMDB نىڭ ئەڭ ئابرويلۇق كىنولار قاتارى دىگەندەك مەنىسى بار ئىكەن.بۇ خەتنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام «چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» 3- ئەمەس ،بەلكى 7-رەتتىكەن.جەمئى 250 كىنو رەتكە تىزىقلىق ئىكەن.)
مەنبە: http://baike.baidu.com/view/2789436.htm  دىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2011-3-18 04:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرى بار ئىدى. يوللىغىلى بولمىدى.
SARAY ۋاقتى: 2011-3-18 22:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹چۇش ئوغۇرلاش بوشلۇقى› نى كىم تەرجىمە قىلىۋاتقان؟ تەرجىمىسى تىخى پۇتمىدىما؟
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2011-3-18 23:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ ،ئاخىرقى باسقۇچقا كېپ قالدى. پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.
captain ۋاقتى: 2011-3-20 01:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ئاخىرىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم
بالىللىرى بىلەن چۈشىدە كۆرۈشەمدۇ ياكى ئويغاق ۋاقتىدىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1